مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلى ئاۋمېندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.12.18 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىگە قاراشلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلى 17- چېسلا ئاۋمېندا ئاڭلىتىش باشلىدى. ئۇ ئاۋمېن رادىيو-تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ-چوڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا ئۇلاپ بېرىش ھەمدە تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

  مەركىزىي رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇ زىيىڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېن بېيلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ قوماندانى شۈ لياڭسەي، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى گاۋ كەيشيەن، ئاۋمېن رادىيو-تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلار كېڭىشى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى ما يۇخېڭ قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا قاراشلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە قانىلى 1995- يىلى قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارادا داڭلىق ۋە بىر قەدەر زور تەسىر كۈچىگە ئىگە تەنتەربىيە كەسپىي قانىلى، شۇنداقلا ھەرقايسى چوڭ خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى ئىكەن. تەنتەربىيە قانىلىنىڭ ئاۋمېندا قويۇلىشى ئاۋمىن خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئاۋمىندىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ