شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 43 نومۇر پەرقىدە فۇجيەن كوماندىسىنى يەڭدى

2019.12.06 16:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2019—2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك (CBA) دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 12-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. بۇ مۇسابىقىگە فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ماھىرى ۋاڭ جېلىن قاتناشمىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى جوۋچى 27 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان 18 توپنى تالىشىپ ئېلىپ، 5 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كوماندىنى يېتەكلەپ 91 گە قارشى 134 نەتىجە بىلەن فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ