مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2019.12.06 16:34 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە 28 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. يۈ داباۋ، جاڭ شىجې، ۋېي شىخاۋ قاتارلىق ماھىرلار تىزىملىككە كىردى، لى تيې باش تىرېنېر بولدى، ماھىرلار يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈپ، 12 - ئايدا كورېيەنىڭ فۇشەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، دۆلەت كوماندىسى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە كورېيەنىڭ فۇشەنگە بېرىپ 2019 - يىللىق شەرقىي ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان باشقا ئۈچ كوماندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورېيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسى.

  يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە (28 كىشى):

  شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى: ۋاڭ شېنچاۋ، لۈ ۋېنجۈن، سەي خۈيكاڭ

  بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسى: يۈ داباۋ، جاڭ شىجې، ۋاڭ زىمىڭ، يۈ ياڭ

  گۇاڭجوۋ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى: مېي فاڭ، ۋېي شىخاۋ، ليۇ ديەنزو

  خېبېي خۇاشيا شىڭفۇ كوماندىسى: دۇڭ شۆشېڭ، جياڭ جىپېڭ

  چۇڭچىڭ داڭدەي لىفەن كوماندىسى: فېڭ جىن

  جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى: لى ئاڭ، جى شياڭ

  تيەنجىن تەيدا كوماندىسى: مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر، ياڭ فەن، جېڭ كەيمۇ

  خېنەن جيەنيې كوماندىسى: ۋاڭ شاڭيۈەن

  ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى: لى شىڭ، دۇڭ چۇنيۈ، مىڭ تيەن، ليۇ يۈن

  شاڭخەي لۈدى شېنخۇا كوماندىسى: ساۋ يۈندىڭ

  شەندۇڭ لۇنېڭ تەيشەن كوماندىسى: جىن جىڭداۋ، ليۇ بىنبىن، ۋاڭ دالېي

  چاڭچۇن ياتەي كوماندىسى: تەن لۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ