مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە مۇسابىقە پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ

2019.12.06 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنى يەر شارى مىقياسى بويىچە قوبۇل قىلىش 5- چېسلا رەسمىي باشلاندى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2021- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىدىن 27 مىڭنى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىدىن 12 مىڭنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. قوبۇل قىلىنغان مۇسابىقە پىدائىيلىرى ۋاقتى كەلگەندە بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكۇدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونى ۋە باشقا ئالاقىدار سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرگە تارقىتىلىدۇ.

  مۇسابىقىگە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغان پىدائىيلار تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىدىغان بولۇش؛ 2022- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە 18 ياشقا توشقان بولۇش؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەتنى ھازىرلىغان بولۇش؛ خەنزۇ تىلى ياكى ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇش؛ مۇسابىقىدىن ھالقىغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇش. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ھەر ساھە زاتلىرىنى ئادىل ۋە كەمسىتمەيدىغان تىزىملىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ