باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى تۆت دۆلەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن يىغىلىپ مەشىق قىلدى

2019.03.29 22:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 2019-يىللىق جۇڭگو ئاياللار دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۈچىنچى قارارلىق يىغىلىپ مەشىق قىلىدىغان قىزىل، سېرىق كوماندىنىڭ ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 29 نەپەر قىزىل كوماندىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى سۇجوۋدا يىغىلىپ مەشىق قىلغاندىن كېيىن، بىۋاستە ۋۇخەنگە بېرىپ ئاياللار تۆت دۆلەت پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاسىيا پۇتبول خانقىزى شەرىپىگە ئېرىشكەن پارىژ ساينت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋاڭ شۇاڭ تىزىملىككە كىرگەن.

  ۋۇخەن تۆت دۆلەت ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە خەنكوۋ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىن سىرت، يەنە كامېرون، رۇسىيە ۋە كىرودىيە كوماندىلىرىمۇ بار. بۇ قېتىملىق تۆت دۆلەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاياللار پۇتبول كوماندىسى قىزىل كوماندىسىنىڭ 29 تەنھەرىكەتچىسى ئىچىدە، ۋۇخەن جياڭدا كوماندىسىدىن ۋۇ خەييەن، ياۋ ۋېي قاتارلىق 5 توپچى تاللىنىپ، بۇ قېتىملىق يىغىلىپ مەشىق قىلىدىغان كوماندىغا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرىنى ئەڭ كۆپ قوشقان كۇلۇب بولۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە، فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر ئاياللار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان پارىژ ساينت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋاڭ شۇاڭنىڭ ئىسمىمۇ يىغىلىپ مەشىق قىلىش تىزىملىكىدە بار. فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر ئاياللار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 19-ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، 20-ئايلانما مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىدۇ. شۇڭا، يارىلىنىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللار بولمىسىلا، ۋاڭ شۇاڭ جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، يۇرتى ۋۇخەندە تۆت دۆلەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىر قاراردا يەنە سېرىق كوماندىنىڭ يىغىلىپ مەشىق قىلىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 23 تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي يېزا سودا بانكىسى ۋە جياڭسۇ سۇنىڭدىن ئىبارەت ئىككى كۇلۇبنىڭ ھەرقايسىسىدىن 6 ماھىر تاللانغان. ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك دۆلەتلىك كوماندىسى پەلەمپەي شەكىلدىكى زاپاس كوماندىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سېرىق كوماندا 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ياپونىيەدە يىغىلىپ مەشىق قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر