باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭ سىۋېي ئورگان تەرەپ دىلمۇرات، بەختىيارلارنىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2019.02.28 19:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چۇڭچىڭ سىۋېي پۇتبول كۇلۇبى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىلىرى دىلمۇرات موللىنىياز بىلەن بەختىيار پەيزۇللانىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دىلمۇرات ئىلگىرى ھىدىنىك تىرېنېرلىق قىلغان جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، سول ئارقا بېك، ئوڭ ئارقا بېك ۋە ئوڭ ئالدى بېك ئورۇندا توپ تەپكەن، ئۇ سۈرئەت ۋە تېخنىكىدا تەڭ كامالەتكە يەتكەن مۇداپىئەچى؛ بەختىيار ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىيەلىنىشكە ماھىر ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى بولۇپ، بەدەن ساپاسى ياخشى، زەربە كۈچى كۈچلۈك ماھىر؛ ئۇ ئىلگىرى يەنە شىنجاڭ U20 ياشلىقلار مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت كوماندىسىغا ئاساسىي كۈچ سۈپىتىدە تاللانغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  ئۇزۇندىن بۇيان، چۇڭچىڭ داڭدەي لىفەن پۇتبول كۇلۇبى ياش پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ھەرقايسى دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان كوماندىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا شۇنداقلا جانلىق كۈچلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىرىنچى سەپتىكى كوماندىلاردا تېخىمۇ كۆپ ياش ماھىرلار نامايان بولىدۇ.

  يېقىندا، كۇلۇبىمىز بىر قاتار كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پۇتبولچى دىلمۇرات موللىنىياز، بەختىيار پەيزۇللا بىلەن رەسمىي ھالدا خىزمەت توختامى ئىمزالىدى. ئىككى ياش پۇتبولچىنىڭ قوشۇلۇشى كۇلۇبىمىزنىڭ تاكتىكا ئېھتىياجىغا ۋە كوماندىنىڭ ياش پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەش پىلان تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

  ئىككى پۇتبولچىنىڭ ئىپادىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، يېڭى مۇھىتقا تېزدىن ماسلىشىپ، كوماندىغا بالدۇر سىڭىشىپ، سالماقلىق بىلەن پىشىپ يېتىلىپ، چۇڭچىڭ داڭدەي لىفەن پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر