باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى خىدىنكنىڭ 21 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

2018.09.12 10:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10ـ سېنتەبىر جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، گوللاندىيەلىك تىرېنېر خىدىنك جۇڭگو (21 ياشتىن تۆۋەنلەر) دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان بولۇپ، 10- ئايدىن باشلاپ كوماندىنى يېتەكلەپ مەشىقلەندۈرىدىكەن ۋە مۇسابىقە ئوينايدىكەن.

  جۇڭگو 21 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئاساسلىقى 1997- يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان توپچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.

  9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، خىدىنك جۇڭگو يۈننەننىڭ چۈجىڭ شەھىرىگە بېرىپ، جۇڭگو 21 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى قاتناشقان 2018- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو كوماندىسى خەلقئارا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(تۆۋەندە تۆت دۆلەت ياشلار كوماندىسى مۇسابىقىسى)نى كۆرگەن، لېكىن قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشمىغان.

  تۆت دۆلەت ياشلار كوماندىسى مۇسابىقىسى خىدىنكنىڭ جۇڭگو (21 ياشتىن تۆۋەنلەر) دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنىڭ مۇھىم سىگنالى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كوماندىغا ئالىدىغان ئەزالارنى تەكشۈرۈش بولۇپ، 3 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇ بارلىق كوماندا ئەزالىرىنى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىشتىن باشلاپ، تاكى مۇسابىقە تۈگەپ توپچىلار مەيداندىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۇلارنى كۆزەتكەن.

  بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن خىدىنكنىڭ شانلىق باش تىرېنېرلىق قىلىش تارىخى بار. ئۇ ئىلگىرى گوللاندىيە كوماندىسىغا تىرېنېر بولۇپ، 1998- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 4-لىككە ئېرىشكەن، كورېيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 2002- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا بۆسۈپ كىرگەن، ئاۋسترالىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 16 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن، رۇسىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 2008- يىلى ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا بۆسۈپ كىرگەن. پۇتبول كۇلۇبلىرىغا تىرېنېرلىق قىلىش جەھەتتە، ئۇ ئىلگىرى ئېندخوۋېن كوماندىسىنى يېتەكلەپ، گوللاندىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى، گوللاندىيە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە «ئۈچ تۈرلۈك چېمپىيونلۇق»نى تولۇق قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە ئىسپانىيە ۋالېنسىيە پۇتبول كوماندىسى، خان جەمەتى مادرىت پۇتبول كوماندىسى، خان جەمەتى بېتىس پۇتبول كوماندىسى، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلىرىدىكى چېلسى پۇتبول كوماندىسى قاتارلىقلارغا باش تىرېنېر بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر