باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

كىرىستيانو رونالدو يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قېتىلدى

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا ئۆتكەن توققۇز يىلدا، كىرىستيانو رونالدو جەمئىي 451 توپ ئۇرۇپ، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى بولغان، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن

2018.07.12 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى داڭدار كۇلۇب خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى 10-چېسلا ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىرىستيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  كىرىستيانو رونالدو 2009-يىلى 80 مىليون فونستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، ئەينى چاغدىكى يۆتكىلىش رېكورتىنى ياراتقان. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدا توققۇز يىل توپ تېپىش جەريانىدا كىرىستيانو رونالدو جەمئىي 451 توپ ئۇرۇپ، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى بولغان، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر