باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ترانگا شىرى رۇسىيەدە نەرە تارتتى، سېنېگال كوماندىسى پولشا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

2018.06.20 16:38   مەنبە: خەلق تورى

ترانگا شىرى رۇسىيەدە نەرە تارتتى، سېنېگال كوماندىسى پولشا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

  6-ئاينىڭ 19-كۈنى، سېنېگال كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پولشا كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن سېنېگال كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-چېسلا، رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا پولشا كوماندىسى بىلەن سېنېگال كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، سېنېگال كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيداندا غەلىبىگە ئېرىشتى.

  ئىككىلا كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سەھىنىسىدىن ئايرىلغىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان. «ئوتتۇرا ياۋروپا ئاتلىق قىسىمى» پولشا كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم دۇنيا لوڭقسىغا قاتنىشىشى 12 يىل ئاۋۋالقى ئىش. «ترانگا شىرى» سېنېگال كوماندىسىمۇ يېقىنقى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرەلمىگەن ئىدى. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، لېۋانتوۋسكى باشچىلىقىدىكى پولشا كوماندىسى ئومۇمىي كۈچى بىر قەدەر ئوتتۇرىچە بولغان H گۇرۇپپىدىن ئورۇن ئالغان، بۇ گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، ئۇلار لىۋىرپول ھۇجۇمچىسى مانې يادرولۇقىدىكى سېنېگال كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا سېنېگال كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…
    ·بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟