باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سانتوس: كىرىستيانو رونالدو ھېلىمۇ ياخشى پورتۇگالىيەلىك بولۇپ قاپتىكەن، دېدى

2018.06.19 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە كىرىستيانو رونالدو ئۇرغان توپىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى رونالدو ئۈچ توپ ئۇردى، پورتۇگالىيە ئىسپانىيە بىلەن 3 دە 3 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-چېسلا ئېلىپ بېرىلغان رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ب گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئارىسىدىكى مۇھىم ئېلىشىشتا، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ گىگانت چولپىنى كىرىستيانو رونالدونىڭ ئۈچ توپ ئۇرۇشى بىلەن ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن 3:3 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى. مۇسابىقىدىن كېيىن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى سانتوس مۇنداق دېدى: كىرىستيانو رونالدو دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پۇتبولچى، ھېلىمۇ ئۇ پورتۇگالىيەلىك بولۇپ قاپتىكەن.

  كىرىستيانو رونالدو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى تەرىپىدىن بۇ مەيداندىكى «ئەڭ ياخشى ماھىر» بولۇپ باھالاندى، ئۇنىڭ بۇ مەيداندىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن بۇ باھاغا لايىق ئىدى. پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قىزىغان مۇسابىقىسىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىستيانو رونالدو ئۆز كۈچى بىلەن ئۈچ توپ ئۇرۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يېڭىلىپ قېلىشتىن ساقلاپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر