باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

بېكھام دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختالدى

ئەنگلىيە مەڭگۈ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى 1-تاللىشىم، تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقىنىمنى ئۇنتۇمايمەن

2018.06.07 16:09   مەنبە: خەلق تورى

بېكھام دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختالدى

  بېكھام: ئوخشاشلا ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا كولۇمبىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە ئىدى، دېدى

  6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەنگلىيە پۇتبول چولپىنى بېكھام، ئىتالىيە پۇتبول چولپىنى پىيېرو، ئىتالىيەلىك داڭلىق تىرېنېر ئانچىلوتى، گوللاندىيە پۇتبول چولپىنى گۇللىت، ئىتالىيە پۇتبول چولپىنى كوستاكۇتا (ئوڭدىن سولغا) پائالىيەتكە قاتناشتى. شۇ كۈنى 2018-يىللىق G-EXPO دۇنيا پۇتبول يىغىنى ئەنخۇينىڭ بېڭبۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-چېسلا، بېكھام ئەنخۇينىڭ بېڭبۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق G-EXPO دۇنيا پۇتبول يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە قايسى دۆلەتنىڭ چېمپىيون بولۇشى توغرىسىدا سورالغاندا، بېكھام: «ئەنگلىيە ھەر ۋاقىت مېنىڭ قەلبىمدىكى بىرىنچى تاللىشىم» دېدى.

  بېكھام مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن كۈچلۈك كوماندىلار ۋە توپچىلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆرگۈم بار.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل فىرانسىيە كوماندىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇنىڭدەك بىرازىلىيە كوماندىسى ۋە مېسسى ۋەكىللىكىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭمۇ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا: ئەنگلىيە، بىرازىلىيە، فىرانسىيە ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى.

  بېكھام ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بولغان بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئەنگلىيە كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بىردىنبىر مۇسابىقە، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا، مېنىڭ قىزىل كارتا ئېلىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەن دەقىقە ئېسىمدىن ھەرگىز چىقمايدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنتۇلمايدىغىنى، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا كولومبىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە.»

  دەل شۇ مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقىدە، بېكھام بىر چىرايلىق ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن. بۇ، بېكھامنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ۋە شۇنداقلا «بېكھام ئەگمە سىزىقى»نىڭ نامىنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان.

  __ «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، چوقۇم ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنىدىغان ياش چولپانلار بارلىققا كېلىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆزنى چاقنىتىدۇ. ھازىرقى مۇسابىقىلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكتە، ياش نوتىلار ئۆزىنىڭ توپ ئويناش ئۇسلۇبىنى مۇسابىقىگە سىڭدۈرمەكتە. مېنىڭچە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ناھايىتى قىزىيدۇ، مەن خاررىي كەيئېن ۋە ئالىنىڭ ئىپادىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن» __ بېكھام شۇنداق دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…
    ·بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟
    ·دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى شۆھرەت تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ياشلىققا تەقدىم
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش…
    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…