بىر مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان مۇسابىقىدە، جامىس يەنىلا گىگانت چولپانلىق رولىنى جارى قىلدۇردى، 48 مىنۇتنىڭ ھەممىسىدە تولۇق ئويناپ، 35 نومۇر، 15 گاردىن قايتقان توپ ۋە توققۇز پاس بېرىشتەك ئىپادە كۆرسەتتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى شەرقىي قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنىڭ 7-مەيدان مۇسابىقىسىدە، كىلىۋلەند چەۋەنداز كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جامىس 35 نومۇر ئېلىپ، كوماندىنى يېتەكلەپ، بۇ قېتىم قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «7-مەيداننى تالىشىش مۇسابىقىسى»دە 87 دە 79 نومۇر بىلەن بوستۇن كېلتىكلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن شەرقىي قىسىمنىڭ چېمپىيونى بولدى ۋە ئۇدا تۆت يىل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
يېڭىش-يېڭىلىش مۇشۇ بىر مەيدانغا قاراشلىق قالغان ھالەتتە، جامىس يەنىلا گىگانت چولپانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 48 مىنۇتنىڭ ھەممىسىدە تولۇق ئويناپ، 35 نومۇر، 15 گاردىن قايتقان توپ ۋە توققۇز پاس بېرىشتەك ئىپادە كۆرسەتتى، ئۇ تۆتىنچى چارەك مەيداندا 12 نومۇر ئېلىپ، مۇسابىقىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى