باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

رابىيوت فىرانسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاندىدات تىزىملىكىگە كىرىشنى خالىمىدى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى: «ئۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى»، دېدى

2018.05.24 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى 23-ماي ئارقا-ئارقىدىن كىلاير فونتاين مەشق بازىسىغا يېتىپ كېلىپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەييارلىق مەشىقىنى باشلىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پارىژ سانت-گېرمان كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى رابىيوتنىڭ دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاندىدات تىزىملىكىگە تاللانغانلىقىنى رەت قىلىشى توغرىسىدا توختالغاندا، تىرېنىر دېشامپس مۇنداق دېدى: «بۇ بىر چوڭ خاتالىق».

  دېشامپىس 17-ماي فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان 23 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، رابىيوت بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىگە تاللىنالمىغان. دېشامپس ئارقىدىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ 11 كىشىلىك كاندىدات تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، كاندىدات تىزىملىك ئاساسىي تىزىملىكتىكى پۇتبولچىلاردا يارىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئورنىغا سەپلەيدىغان پۇتبولچىلارنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە لاكازېتتى، مارشيال، رابىيوت قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ ئىسمى بار ئىدى، ئارقىدىن رابىيوت بۇ تىزىملىككە كىرىشنى رەت قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا دېشامپسقا ئېلېكتىرونلۇق خەت يوللاپ، ئۆزىنىڭ زاپاس تىزىملىكتىكى ئەزا بولۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  دېشامپس مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالدىم، مەن ئۇنىڭ ئەپسۇسلانغانلىقىنى چۈشىنىمەن، بىراق مەن ئۇنى ناھايىتى چوڭ خاتا قارار چىقاردى دەپ قارايمەن، بۇ تاللاشنىڭ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە ئويلىنىشىغا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان تەنھەرىكەتچى ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ئارقىلىق كونترول قىلىنماسلىقى كېرەك، كەسپىيلىك ئۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەكس ئەتسە توغرا بولىدۇ.»

  فىرانسىيە كومانسىدىنىڭ كاندىدات تىزىملىكىدىكى پۇتبولچىلار ئاساسىي تىزىملىكتىكى 23 ئەزا بىلەن بىللە مەشىق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۆز ئالدىغا مەشىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاساسىي تىزىملىكتىكى ئەزالاردا زەخىملىنىش كۆرۈلسە، ئورنىغا سەپلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر