باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

تالانتلىقلار توپلاشقان فىرانسىيە كوماندىسىدا، دېشامپس «بەخت ئىچىدىكى باش قېتىنچىلىقى»غا قالدى

گاللىيا خورىزى داۋاملىق زەپەر مارشى ياڭرىتالامدۇ-يوق؟

2018.05.24 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە پۇتبول تارىخىدا ئەزەلدىن گىگانت چولپان كەم بولۇپ باققان ئەمەس، فونتەيندىن تارتىپ زىدانىغىچە، گىگانت چولپانلار ئۈچ ئەۋلاد فىرانسىيە كوماندىسىدا داۋاملىشىپ كەلدى. فىرانسىيە پۇتبول تارىخىدا يەنە غېرىبلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكمۇ كەم بولغان ئەمەس. 2002-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىق، 2006-يىلى نۇقتا توپ ئارقىلىق ئۇتتۇرۇۋېتىش، 10 يىللىق پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش... بىراق گاللىيا خورىزى ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلىنىپ باققان ئەمەس. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تالانتلىق پۇتبولچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئاز بولمىغان كىشىلەرنى «پۇتبولچىلىقنىڭ كەلگۈسى فىرانسىيەگە تەئەللۇق ئىكەن» دېگەن قاراشقا كەلتۈردى. فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى دېشامپس يېقىندا 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى ۋە فىرانسىيەنىڭ 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئاتلاندى.

  فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 23 كىشىلىك تىزىملىكى:

  ۋارىتار: ئارىئولا (پارىژ سانت-گېرمان)، لىلورىس (توتتېنھام خوتسىپۇر)، مانداندا (مارسېل).

  بېك: لۇكاس (مادرىد رىقابەت)، كىمپېمبې (پارىژ سانت-گېرمان)، مېندىي (مانچېستىر شەھىرى)، پاۋارد (ستۇتگارت)، رامى (مارسېل)، سىدېبى (موناكو)، ئۇمدىدى (بارسېلونا)، ۋارانې (خان جەمەتى مادرىد).

  ئوتتۇرا مەيدان: كانتې (چېلسى)، ماتۇيدى (يۇۋېنتۇس)، ئىنزونزى (سېۋېللا)، پوگبا (مانچېستىر بىرلەشمىسى)، تولىسسو (بايرېن ميۇنخېن).

  ھۇجۇمچى: دېمبېللى (بارسېلونا)، فېكىر (لىئون)، گىرود (چېلسى)، گېرىزمان (مادرىد رىقابەت)، لېمار (موناكو)، مباپپې (پارىژ سانت-گېرمان)، توۋان (مارسېل).

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، C گۇرۇپپىدىكى فىرانسىيە كوماندىسى ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئاۋىسترالىيە، پېرۇ ۋە دانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. نورمال ھالەتتە مۇسابىقىنى تاماملىسا، فىرانسىيە كوماندىسى ئۈچۈن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئانچە تەس ئەمەس. بىراق قولىدا كۆپلىگەن ياش تالانتلىق ماھىرلار بولغان دېشامپس ئۈچۈن، قانداق قىلغاندا قول ئاستىدىكىلەرنى ياخشى بولغان خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرگۈزۈش ئەڭ چوڭ مەسىلە بولماقتا.

  كاندىدات تىزىملىكى:

  ۋارىتار: كوستىل (بوردىئاكس)بېك: دېبۇچى (سانت-ئېتيىن)، دىنې (بارسېلونا)، مامادو ساكھو (كىرىستال ئوردا)، زۇما (ستوك شەھىرى).

  ئوتتۇرا مەيدان: رابىيوت (پارىژ سانت-گېرمان)، موسا سىسوكو (توتتېنھام خوتسىپۇر).

  ھۇجۇمچى: بىن يېدېر (سېۋىللا)، كىڭسىلى كومان (بايرېن ميۇنخېن)، لاكازېتتى (ئارسېنال)، مارشيال (مانچېستېر بىرلەشمىسى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر