باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

چەۋەندازلار كوماندىسى ئۇدا يېڭىلدى، جامېس يەنىلا بەل قويۇۋەتمىدى

2018.05.18 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە جامېس 42 نومۇر، 12 پاس، 10 گاردىن قايتقان توپنى ئېلىپ، ئۈچ تۈردە ئىككى خانىلىق نومۇر ئېلىشتەك قالتىس ئىپادە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا چەۋەندازلارنىڭ بۇ قېتىمقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلالمىدى. ئۇلار قارشى تەرەپ مەيدانىدا 94 دە 107 نومۇر بىلەن يەنىلا كەلتىكلار كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار كوماندىسى نۆۋەتتە شەرقىي قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئومۇمىي نومۇردا 0 دە 2 نومۇر بىلەن ئاخىرىدا تۇرماقتا. جامېس مۇنداق دېدى: چەۋەندازلار بۇداقى مەيداندا ئۆز مەيدانىنىڭ غۇرۇرىنى قوغدايدۇ.

  جامېسنىڭ ئىپادىسى ھېلىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سەبداشلىرىنىڭ كۆپرەك ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە سىمىس، سىل، تومپسون قاتارلىق يادرولۇق ئەزالارنىڭ ئىپادىسى تولىمۇ ئادەتتىكىچە بولدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى روھسىز ھالىتى چەۋەندازلار كوماندىسىنى ئېغىر بەدەل تۆلەتتى. چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى لېئو مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ خىرىس كۈچىگە ئىگە ھالدا مۇسابىقە ئوينىشىمىز كېرەك، رىقابەتچىمىز بىزگە ياخشى بىر مەيدان دەرس ئۆتتى، ئەمدى بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر