باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

NBA ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، خاردېننىڭ 27 نومۇر ئېلىشى بىلەن خيۇستون راكېتا كوماندىسى باتۇرلار كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 1 دە 1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى

2018.05.18 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، NBA غەربىي قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. خيۇستون راكېتا كوماندىسى بۇ قېتىم ئۆز مەيدانىدا باتۇرلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا، تۇنجى مەيدان ئېلىشىشتا مەغلۇپ بولغان راكېتا كوماندىسى خاردېننىڭ يېتەكلىشىدە، ئومۇمىي كوماندا بويىچە ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ، 127 دە 105 نومۇر بىلەن مېھمان كوماندا «باتۇرلار»نى يېڭىپ، غەربىي قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى رىقابىتىنى 1 دە 1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى.

  سانلىق كۆرسەتكۈچ جەھەتتە، راكېتا كوماندىسىدىن خاردېن 27 نومۇر 10 گاردىن قايتقان توپ، گوردېن 27 نومۇر (ئالتە قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ)، تاكېر 22 نومۇر 7 گاردىن قايتقان توپ، ئارىزا 19 نومۇر 6 پاس 4 گاردىن قايتقان توپ، پائۇل 16 نومۇر 6 پاس 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ باتۇرلار كوماندىسىدىن دۇرانت 38 نومۇر، كۇررىي 16 نومۇر 7 گاردىن قايتقان توپ 7 پاس، تومپسون 8 نومۇر، گىرىن 6 نومۇر 6 گاردىن قايتقان توپ 6 پاسقا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر