خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 0 دە، 2017-، 2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مادرىد رىقابەت كوماندىسى 3 دە 0 نەتىجە بىلەن مارسېل كوماندىسىنى يەڭدى، گىرېزمان ئىككى توپ ئۇردى، گابى 3-توپنى ئۇرۇپ غەلىبىنى مۇقىملاشتۇردى. بۇ، مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ 3-قېتىم ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى