باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆمەك باشلاپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلاردىن ھال سورىدى

2018.02.13 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شۇشيەن، مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ شىياۋبىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆمەك باشلاپ بېرىپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاساسىي قاتلام قىسىملار، ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق خەلق ئىشلىرى ئارمىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلاردىن ھال سورىدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئورگىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋەكىل بولۇپ، قىسىم رەھبەرلىرىگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەربىي تەلىم ـ تەربىيە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ غەلبە قىلىش، ۋەتەننى قوغداش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ۋە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر