باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاممىۋىي مۇسابىقە تۈرلىرى مىليونلىغان پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزگۈسى

2017.08.28 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەشكىلات كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتى ئۈچۈن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  8- ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تيەنجىندە ئېچىلدى. چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەشكىلات كومىتېتى ئاخبارات مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنغا تەييارلىق قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جەمئىي 33 ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقە تۈرى (بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 417 كىچىك تۈر بار) ۋە 19 ئاممىۋىي مۇسابىقە تۈرى (بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 126 كىچىك تۈر بار) بولۇپ، جەمئىي 543 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر، ئاممىۋىي مۇسابىقە تۈرلىرىدىن 17سى، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدىن 130ى ئاياغلاشتى.

  4- ئاينىڭ 29- كۈنى يېنىك ئاتلېتىكا مارافون تۈرى باشلانغاندىن بۇيان، 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى 20 مىڭ 342 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى 12 مىڭ 721 نەپەر، ئاممىۋىي مۇسابىقە تۈرىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى 7620 نەپەرگە يەتكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەزگىلىدە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى 13 مىڭدىن ئاشقان. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكى سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىدە نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتكەن ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنى ئوخشاش بىر مەيدانغا چۈشۈرۈپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش، ھەمدە تېگى جۇڭگولۇق بولغان تەنھەرىكەتچىلەر ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىر تەنھەرىكەتچىلەردىن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىش بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يىڭچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاللاش ئارقىلىق، ۋېلىسىپىت ۋە تۆمۈر ئادەم دېگەندەكە ئۈچ تۈر بىلەن تېننىس توپ قاتارلىق ئۈچ تۈرگە 22 جەمئىي نەپەر تەنھەرىكەتچى تاللاندى. چەۋەندازلىق، قارىغا ئېتىش، يېنىك ئاتلېتىكا ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۆت تۈردە ئاساسلىقى ئامېرىكىدىن كەلگەن سەككىز نەپەر جۇڭگولۇق مۇھاجىر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يەتكەچكە، ئۇلار بۇ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى سەھنىسىگە چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر