باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى 2034- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى دېگەن ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

2017.05.09 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا تارقالغان « جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى دوكلات يېزىپ 2034- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى مۇقىملاشتۇردى» دېگەن خەۋەرنى توغرىسىدا، جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى 8- ماي مىكروبلوگىدا بۇ خەۋەر«ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس»، دېدى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى رەسىمىي دوكلات يېزىپ، 2034- يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ خەۋەر كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

  جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى ئاخبارات ئىشخانىسى مىكروبلوگىدا مۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان: دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەر تاقالدى، بەزى تاراتقۇلاردىكى دوستلار ئالدىراپ قاپتۇ، بىزمۇ دۆلىتىمىزدە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز، بىراق خىزمەتتە ئىھتىياتچان بولۇش تەلەپ قىلىنغاچقا، يەنىلا كۆپچلىك شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى، ھازىر كونكىرت قايسى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، توردا تارقالغان« جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى 2034- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى» دېگەن خەۋەر «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر