باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياردەم بەرگۈچى تەرەپلىرىگە ئايلاندى

2017.04.11 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى فاتىمە ساموۋرا يېقىندا بېيجىڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: خەيشىن 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھۆكۈمەت ياردەم بەرگۈچى تەرەپ بولدى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بۇ يىلقى بىرلەشمە لوڭقا ۋە كېلەر يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا، جۇڭگودىكى ۋەندا ۋە خەيشىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى كارخانا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە سەھنىلىرىدە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن قول تۇتۇشىدا، خەيشىن شىركىتى ئۇنىڭغا مىليونلىغان ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان. خەيشىن شىركىتىنىڭ ماركا بەلگىسى 2017- يىللىق بىرلەشمە لوڭقا ۋە 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىللىرىدىكى مەيدان ئېلانلىرى، كىرىش بېلىتى، خەۋەر دۈمبە تاختىسى ۋە نومۇر بىۋاسىتە سەكرەش كۆزنىكىدە كۆرسىتىلىدىكەن. خەيشىن شىركىتى بۇ خىل پائالىيەتلەردە يەر شارى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ۋە ئاساسىي تېما قىلىنغان سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدىكەن. دۇنيا لوڭقىسىغا ياردەم بەرگۈچى تەرەپلەر بولسا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ياردەم بەرگۈچى تەرەپ سىستېمىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ياردەم بەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر