خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ئاۋغۇست كەچ سائەت 7دە، جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 23- قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتاۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتاۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا تۆت مەيدان غەلبە قىلدى، جەملىمە نومۇرى 39 نومۇرغا يېتىپ، كوماندا تارىخىدا رېكورت يارىتىلدى، ھەمدە توپ كوماندىسى كىرگۈزگەن توپ 100گەيېتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئاساس سالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى