باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقىلىشىدۇ

2016.03.01 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى1- مارت كەچتە بېيجىڭ پايتەخت پولات - تۆمۈر شىركىتى ۋاسكېتبول مەركىزى مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى جەڭنى كۈتۈۋالىدۇ.

  2015-2016-يىللىق WCBAبىرلەشمە مۇسابىقىسى 2015-يىلى 16- ئۆكتەبىر باشلانغاندىن بۇيان، ئۇزاققا سوزۇلغان دائىملىق مۇسابىقە، پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقە ئارقىلىق، 12كوماندىدىن ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. شىنجاڭ كوماندىسى دائىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىسىگە كىرىپ، سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 : 0ۋە 0 : 3نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھالبۇكى، بېيجىڭ كوماندىسى بولسا ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ئىككىنجى بولغان نەتىجىسى بىلەن پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىسىگە كىرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 : 2ۋە 3 : 1نەتىجە بىلەن ئالدىنقى چېمپىيون شەنشى كوماندىسى ۋە شاڭخەي كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر