خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2015- يىللىق ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى ۋالىبول مۇسابىقىسى 6- سېنتەبىر ناگويادا ئاخىرلاشتى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، 10 مەيدان يېڭىش بىر مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجىسى بىلەن 11 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ چىمپىيون بولدى، بۇ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 4- قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ چىمپيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ كىلەر يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باش ھۇجۇمچىسى جۇ تىڭ رولىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەتىۋارلىق توپچى بولۇپ باھالاندى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە جۇ تىڭ 27 نۇمۇر ئېلىپ ئەڭ كۆپ نۇمۇر ئالغان ماھىر بولدى، باش ھۇجۇمچى چاڭ نىڭ بىلەن ياردەمچى ھۇجۇمچى يەننى 13 نۇمۇر ۋە 10 نۇمۇر ئالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى