باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

بلاتېر خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.06.03 17:02   مەنبە: خەلق تورى

بلاتېر خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 2-ئىيۇن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مۇھىم بىر كۈن. بۇ كۈنى، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى ئۇزاق بولمىغان بلاتېر تۇيۇقسىز خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئايرىلىشى تۆت يىلدىن ئۇزاق داۋاملاشقان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرمەستىن، كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىنى سۈرگۈن-توقاي قىلىدىغان قارا قۇيۇن يېتىپ كەلدى، ئىلگىرى يۈز بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەسكەرتىش خالاس.

  بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، يەنى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىلەت تاشلاپ بلاتېرنى رەئىسلىككە يەنە سايلاشنىڭ ھارپا كۈنى، ئامېرىكا بىلەن شۋېتسارىيەنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بىرلىشىپ «كۇپتىكى تاشپاقىنى تۇتۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر نەچچە ئەمەلدارنى قولغا ئالدى. شۇ چاغدا ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پلاتىنى كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بلاتېرنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ئۆتۈنگەنىدى. 79 ياشلىق شۋېتسارىيەلىك بۇ بوۋاي مۇنداق دېدى: ھازىر ئىستېپا بەرگەن بىلەن كېچىكتى. بۇ خۇددى «يانىڭ كىرىچى تارتىلدى، ئوقنى ئاتماي بولمىدى» دېگەندەك ئىش.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى