خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-مارت، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىدا تاجىك چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، تاجىك ئاممىسى ئۆزلىرى تەشكىللىگەن ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. چەۋەندازلار تۆت مىڭ مېتىردىن ئارتۇق پامىر ئېگىزلىكىدە، ئوغلاق تارتىشىش ماھارىتىگە تايىنىپ، باھارنى كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى)