باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

2014 – يىللىق شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى 10 چوڭ خەۋەر باھالاپ چىقىلدى

2015.01.07 09:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجا ئەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى كېڭىشى 5 – يانۋار  2014– يىللىق شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى 10 چوڭ خەۋەرنى باھالاپ چىقتى.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى»

  «ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىملىق ‹ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى قوش ئىلغار› لارنى تەغدىرلەش يىغىنى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستقا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ياردەم قىلىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى»

  «2016 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا»

  «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ‹ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قوغدايمىز› دىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى»

  «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي كۇلۇبلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم بېسىلدى»، «2014 – يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) دالا ئاپوموبىلى راللې مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرى كۈندىن كۈنگە زورايدى»

  «ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ تارىخدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى»

  «ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 6 – نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى»

  «تەنتەربىيەدە ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى»

  «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىلىش سوممىسى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى» قاتارلىق 10 پارچە خەۋەر بۇ نامغا نائىل بولدى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر