باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ئىرانلىق قىز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقاندا قولغا ئېلىندى

2014.11.21 10:45   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئىرانلىق قىز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقاندا قولغا ئېلىندى

  يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ئىرانلىق ئايال (Ghoncheh Ghavam) غۇنچەھ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى بىر مەيدان ۋالىبول مۇسابىقىسىدە مەيداندا قولغا ئېلىنىپ، كېيىن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ئىش خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان. خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى 10-نويابىر خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىسىنى ئىراندا ئۇيۇشتۇرۇشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ 18-نويابىردىكى باياناتىدا، غۇنچەھنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرىشى ۋالىبول مۇسابىقىسى كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى، ئەكسچە « ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا چېتىشلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە « ئاياللار تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرسە بولامدۇ-يوق» بۇ يەنىلا ئىراندىكى ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى قىزىق تالاش- تارتىش نۇقتىسىكەن.

  ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تەپتىش ئورگىنى 18-نويابىر ئېلان قىلغان ئورگان باياناتىدا،« غۇنچەھ ئازاد تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرگەن ۋاقىتتا، ساقچىلار ئورنىنى توختىماي سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلدى. بىر كۈندىن كېيىن، غۇنچەھ يانفونىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ يانفونىدىن كۆپ مىقداردا ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا چېتىشلىق ۋىدېئو ۋە سۈرەتنى بايقىغان. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، غۇنچەھنىڭ ئىزچىل ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى ۋە ئىراندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە غۇنچەھگە قارىتىلغان سوت قىلىشنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى غۇنچەھنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ھۆججەتتىن غۇنچەھنىڭ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن. ئەمەلىيەتتە « ئاياللار تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرسە بولامدۇ-يوق» ئىزچىل ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي باشلىقىدىكى ئىسلاھات تەرەپدارلىرى بىلەن كونسېرۋاتىپلار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش نۇقتىسى. سابىق زۇڭتۇڭ ھاتەمى ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئىران ئاياللىرى ئىلگىرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان، ئەمما بۇ چەكلەش بۇيرۇقى 2005-يىلى كونسېرۋاتىپ زۇڭتۇڭ نىجاد ئەھمەت تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىراننىڭ مۆتىدىل زۇڭتۇڭى رپھانى ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى چوڭ مۇسابىقە مەزگىلىدە بوشاشتۇرغان. بۇ يىل 6-ئايدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، « يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى تېھراندىكى قەھۋەخانىلاردا ئاز بولمىغان ئىرانلىق ئايال توپخۇمارلارنىڭ ئەر توپخۇمارلار بىلەن بىرگە ئىران بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)