خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي نەنجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىككى قەدىمىي پايتەختتە ياشلار ئارمىنى نۇرلاندى. ئافىنادىكى مەرمەرتاشتىن ياسالغان تەنھەرىكەت مەيدانىدا 2-نۆۋەتلىك ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى تۇتاشتۇرۇلدى؛ نەنجىڭدىكى شۈەنۋۇ كۆلى بويى ۋە مىڭ سۇلالىسى سېپىلى تۈۋىدە، ياشلار مۇقەددەس ئوتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى. نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. (خې گۇاڭخۇا، شېن لىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى