باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى يېڭى سەھىپە، شىنجاڭ پۇتبول تارىخىدىكى شانلىق شەجەرە

شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى

2014.03.06 01:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى كۈتكىنىگە ئۇزۇن بولغان، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي پۇتبول كۇلۇب ــــ شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى 28 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. مەزكۇر كۇلۇپ 15 – مارت باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  ـــ يىلپىزنىڭ «قارلىق تاغ شاھى» دەپ نامى بار، ئۇ ھەم چىرايلىق كەلگەن مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يەردە ياشايدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز، بىز شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە، يۇقىرى تېخنىكىدا تەرەققىي قىلىشىنى، يىلپىزغا ئوخشاش ئىرادىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى A دەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىغا 46 نامزات ئىسىمدىن تاللاپ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى دەپ نام بەردۇق،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇنۇن كېرەم ئاكا شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.

  ئەسلى تەكتى خۇبېي «خۇاكەيئېر» پۇتبول كۇلۇبى بولغان شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى 2012 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك B دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2 – بولۇپ، A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى قاتارىغا قېتىلغان، 2013 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە دەرىجىسىنى ساقلاپ قالغان، بۇ يىل كۇلۇب تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىزدەپ شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە قايتىدىن تىزىملىتىپ، نامىنى شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىغا ئۆزگەرتكەن.

  ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبى بولغان جياڭسۇ «شۇنتيەن» پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان بارى مۇھەممەتئېلى، شېنجېن «قىزىلياقۇت» كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان يەھيا ئابلىكىم ۋە «شىنجاڭلىق كارلوس» دەپ نامى بار شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى مۇستافا قاتارلىق ئۈچ ماھىر بۇ قېتىم شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى قاتارىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بارى مۇھەممەتئېلى جياڭسۇ «شۇنتيەن» كۇلۇبىدىن بىر يىللىق ئىجارىگە ئېلىنغان، ئىجارە ھەققى 500 مىڭ يۈەن بولغان. ئىجارە ئېلىش ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بارى مۇھەممەتئېلى ئاپتوماتىك ھالدا شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇپ قالىدىكەن.

  ـــ كۇلۇبقا تىزىملىتىش خىزمىتىدىكى ئالدى – كېيىنلىك سەۋەبىدىن «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىغا تىزىملاتقان شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن ئاران ئۈچىمىز بولۇپ قالدۇق،- دېدى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قاتناشقان بارى مۇھەممەتئېلى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا ماڭا،- بۇ كۇلۇبنىڭ توپ ئويناش تېخنىكىسىنى مەن تازا ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېتىشكە، ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

  بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 15 – مارت باشلىندىغان بولۇپ، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى 16 – مارت چىڭداۋ «جوڭنېڭ» كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئۆز مەيدان مۇسابىقىسى 4 – ماي باشلىنىدىكەن، ئۆز مەيدانىدا جەمئىي 15 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۆز مەيدانىدىكى تۇنجى رەقىبى كۈچلۈك كوماندا بولغان چوڭچىڭ «لىفەن» كوماندىسى ئىكەن. «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى يەنىلا ئەسلىدىكى كوماندا ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا بارى مۇھەممەتئېلى قاتارلىق ئۈچ نەپەر شىنجاڭلىق يەرلىك ماھىر ۋە چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان كېننى قاتارلىق ئىككى ماھىر بىلەن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كېلەر يىلى شىنجاڭدىن مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى 14 ماھىرمۇ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىغا تىزىملىتىپ كىرىدىكەن، كۇلۇب باش تېرىنېرلىقىنى خۇبېيلىق داڭلىق ترېنېرى لى جۈن ئۆتەيدىكەن. كۇلۇبنىڭ ئۆز مەيدان كىيىمى يېشىل ۋە قارا رەڭدە، ساھىپخانا مەيداندا قارا ۋە ئاق رەڭدە بولىدىكەن.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: كۇلۇبنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كۇلۇبىغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا بىر تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە تەسىرى زور كۇلۇب بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر