باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسىدا ساھىبخانا كوماندىغا ياخشى چەك چىقماي قالدى(2)

2013.12.09 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە كوماندىسى تەۋە بولغان G گۇرۇپپىنىڭ سەۋىيەسى ئاساسەن تەڭ. بۇ گۇرۇپپىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ باشچىلىقىدا كۈچلۈك مۇسابىقىلەردە يېنىكلىك قىلمايدۇ؛ جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن گانامۇ ھازىر يۇقىرى سەۋىيە مەزگىلىدە تۇرماقتا، بۇ كوماندىنىڭ سېپىدىكى ئېسسىن، گىئان قاتارلىق پىشقان توپچىلارغا يەنە گېرۋىنھو، بوئاتېن قاتارلىق يېڭى كۈچلەر قوشۇلۇپ، بىر كۈچلۈك كوماندىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ئامېرىكا كوماندىسىمۇ باش تېرىنىر كىلىنسىماننىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا، كۈنسايىن كۈچەيدى. گانا بىلەن ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيەگە خىرىس پەيدا قىلىشقا تامامەن كۈچى يېتىدۇ.

  يۇقىرىقى بۇ تۆت ھالاكەت گۇرۇپپىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئارگېنتىنا بىلەن فىرانسىيە كوماندىلىرىنىڭ تەلىيى بەكلا ئوڭدىن كەلدى. فىرانسىيە كوماندىسى بەختكە يارىشا شىۋېتسارىيە، ئېكۋاتور، ھوندۇراس بىلەن بىرلىكتە E گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، ئارگېنتىنا كوماندىسى بولسا نىگېرىيە، بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنا، ئىران كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە F گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، گۇرۇپپىدىن چىقىش ئىستىقبالى ناھايىتى زور.

  ئاخىرىدا ياپونىيە تەۋە بولغان C گۇرۇپپا بىلەن كورىيە تەۋە بولغان H گۇرۇپپىغا قاراپ باقايلى. ياپونىيە بىلەن كورىيەنى بىر ئوتتۇرھال چەككە ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ. ياپونىيە كوماندىسى كولومبىيە، گىرېتسىيە، كوتىدىۋا كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. كورىيە كوماندىسىغا كەلسەك، رۇسىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كورىيە كوماندىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ، شۇڭا كورىيە كوماندىسىنىڭ تەلىيى كېلىپلا قالسا، گۇرۇپپىدىن چىقىشىغا ئۈمىد بار. ئالجىرىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى خېلى ئاجىز، بۇ كوماندا ئاساسەن بۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا كوماندىلار نومۇر ئېلىشقا تېرىشىدىغان كوماندا بولۇپ قالىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر