باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسىدا ساھىبخانا كوماندىغا ياخشى چەك چىقماي قالدى(1)

2013.12.09 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر ياخشى چەككە ئېرىشەتتى، ھالبۇكى 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ قائىدە بۇزۇپ تاشلاندى: برازىلىيە كوماندىسىگە بەختكە قارشى ياخشى چەك چىقماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىققا ئەمەلىي كۈچى ئاساسەن تەڭ كېلىدىغان، ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈچلۈك تۆت ھالاكەت گۇرۇپپىسىمۇ بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردە كۆپ ئۇچرىمىغان ئىدى. ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار ئىچىدىكى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى بولسا كىشىنى ھەۋەسلەندۈرگۈدەك تەلەيگە ئېرىشتى، ئۇلار ئەمەلىي كۈچى نىسبىي ئاجىز بولغان ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى بۆلەكتە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كېلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

  ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا چەك تارتىشىدا دەرىجىدىن تاشقىرى ھالاكەت گۇرۇپپىسى بارلىققا كەلمىدى، لېكىن برازىلىيە كوماندىسى تەۋە بولغان A گۇرۇپپا، ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى تەۋە بولغان B گۇرۇپپا، ئىتالىيە بىلەن ئىنگىلاند ۋە ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى تەۋە بولغان D گۇرۇپپا، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە، گانا، ئامېرىكا كوماندىلىرى تەۋە بولغان G گۇرۇپپىلىرى يەنىلا ھالاكەت گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى. بۇ گۇرۇپپىلاردا ئەڭ بولغاندا پەقەت بىرلا ئاجىزراق كوماندا بار، ئەمما باشقا كوماندىلار بولسا ئەمەلىي كۈچنى ئاساس قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بولۇپ قالدى.

  برازىلىيە كوماندىسى بۇ قېتىم ياخشى چەككە ئېرىشەلمەي، كىرودىيە، مېكسىكا، كامېروندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەمەلىي كۈچنى ئاساس قىلىدىغان كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا كىرىپ قالدى. بۇ چەكنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، برازىلىيە گۇرۇپپىدىن چىققان ھامان، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ئىسپانىيە كوماندىسى ياكى ئالدىنقى نۆۋەتلىكتە 2-بولغان گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن، ناۋادا ئۇلارنى ئۇتۇپ قالسا، يەنە داۋاملىق كۈچلۈك كوماندىلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئىزچىل چېمپىيون بولىمىز دەپ كەلگەن سامبا قوشۇنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ چەك ياخشى چىقماي قالدى. كىرودىيە، مېكسىكا، كامېروندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ كوماندا تېخنىكىلىق توپ تېپىدىغان كوماندىلار بولۇپ، تالانت ۋە تەجرىبە جەھەتتە برازىلىيەنى توسۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار، A گۇرۇپپا برازىلىيە كوماندىسىنى تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

  ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان B گۇرۇپپىمۇ ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق. ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بىلەن 2-بولغان كوماندىنىڭ بىر گۇرۇپپىغا كىرىپ قېلىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانچېز، بوساجۇل، ۋىدال قاتارلىق داڭلىق چولپانلاردىن تەشكىللەنگەن چىلى كوماندىسىمۇ بۇ گۇرۇپپىدىكى كۈچلۈك رىقابەتچى بولالايدۇ.

  D گۇرۇپپىغا قاراپ باقساق، كوستارىكانىڭ ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاندىن سىرت، ئىتالىيە، ئىنگلاند، ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سەۋىيەسى يۇقىرى كوماندىلار. كۆك كىيىملىك قوشۇن ئىتالىيە كوماندىسى باش تېرىنىر پراندېرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەدرىجىي ھالدا ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئەنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان، تېپىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە كوماندىغا ئايلاندى، ئىنگلاند كوماندىسىنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنگلاندچە تېپىش ئۇسۇلىنىڭ ھەيۋىسىنى ساقلاپ قالغان، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى سۇئارېز، كاۋانى قاتارلىق كۈچلۈك ھۇجۇمچىلارغا ئىگە، بۇ كوماندا ئوتتۇرا مەيدان، مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلىسىلا بولىدۇ. بۇ ئۈچ كوماندا ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك مۇسابىقە بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر