« 1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ، « 4- ماي » ياشلار بايرىمى ۋە ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ 8- نۆۋەتلىك شەھەر رايۇنلۇق ئىشچى – خىزمەتچىلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 24- ئاپىرېل ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ تەرنىتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدە داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا ناھىيەلنىڭ تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارىلەردىن تەشكىللەنگەن 66كوماندا ۋە 2500دىن ئارتۇق تەنھەركەتچى قاتناشتى.
ئىگىلىنىشچە ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق 8- نۆۋەتلىك شەھەر رايۇنلۇق ئىشچى – خىزمەتچىلەر تەنھەركەت مۇسابىقىسى 26- ئاپىرېلغىچە گۈزەللىك گىمناستىكىسى، ۋالىبول، ۋاستىكبول، تىك- تاك توپ، ئارقان تارتىشش، 100مىتېرغا يۈگىرەش قاتارلىق 25 كوللىكتىپ ۋە يەككە تۈر بۇيچە ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلىپ، پائالىيەت ئاخىردا ئىلغار كوللىكتىپ ۋە شەخسىلەر ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەقدىرلىنىدىكەن. (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى,فۇتۇسى)