باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ليۇ شياڭ نېمىشقا تەنتەربىيە ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلمايدۇ؟

سودا توختامى ۋاقتىنىڭ يىل ئاخىرى توشىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

2013.04.12 17:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ليۇ شياڭنىڭ تېرىنېرى سۈن خەيپىڭنىڭ ليۇ شياڭنىڭ بۇ يىلدىكى بارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ليۇ شياڭنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  چاغاندىن كېيىن، «ليۇ شياڭنىڭ چېكىنىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توختىماي تارقىلىپ تۇردى، شاڭخەي تەنتەربىيە ئىدارىسى، ليۇ شياڭنىڭ دوختۇرى، ئاتا-ئانىسى، مەرىپەت تېرىنېرى، ليۇ شياڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ليۇ شياڭنىڭ چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىگنالنى تارقاتتى.

  نۆۋەتتە، ئەھۋالنى بىلىدىغانلارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ليۇ شياڭنىڭ سودا توختام ۋاقتى يىل ئاخىرىدا توشىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى تېخىچە ئېلان قىلماپتۇ. ئەمما بارلىق سىگناللارنىڭ ھەممىسى 30 ياشقا كىرىپ قالغان ليۇ شياڭنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە