باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق «يۈگۈرگەك ئاكا» 300 كىلومېتىر يۈگرەپ چاقىلققا كەلدى

2013.04.02 11:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭلىق «يۈگۈرگەك ئاكا» ئەلىي ئوبۇلقاسىم چاقىلىقنىڭ يىتىمبۇلاق بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈن ۋاقىتتا 300 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 1-ئاپرېل چاقىلققا يېتىپ كەلدى.

  27 ياشقا كىرگەن ئەلىي ئوبۇلقاسىم شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى مازار يېزىسى مازار كەنتىدىن بولۇپ تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان دېھقان. ھەر قېتىم دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى 67 كۈندە بېيجىڭغا يۈرگۈرۈپ بارغان، سەككىز كۈندە تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە شىزاڭ، شۇنداقلا خەينەن ئارىلىغىمۇ بارغان. بۇ يىل 25-مارت، ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئارقىدىن چىڭخەي گېېرمۇ شەھرىگە بارغان، ھاۋا رايى سەۋەبلىك ئۇ چاقىلىق ناھىيەسى يېتىمبۇلاق بازىرىدىن يولغا چىقىشنى تاللىغان ۋە 29-مارت يولغا چىقىپ 300 كىلومېتىر يۈگۈرۈپ 1-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 4:44 ئۆتكەندە چاقىلىق ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە