باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

خان مادرىد ئۆزىل بىلەن داۋاملىق توختاملىشىدۇ

2013.03.26 13:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئۆزىل خان مادرىد بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۆزىلنىڭ خان مادرىد بىلەن بولغان ھازىرقى توختامى 2016-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق مائاشى بەش مىليون ياۋرو، خان مادرىد كوماندىسىدىكى ئومۇمىي ئىپادىسىدىن قارىغاندا ئۆزىل مائاش قوشۇپ داۋاملىق توختاملىشىشقا مۇناسىپ كېلىدىكەن.

  بىر ئاي بۇرۇنلا ئۆزىلنىڭ ئاتىسى خان مادرىد مەسئۇلى خېسېي-سانچېس بىلەن ئۆزىلنىڭ يېڭى توختامى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن، خان مادرىد مەسئۇلى خېسېي-سانچېس ئۆزىل رازى بولغۇدەك جاۋاب قايتۇرغان، خان مادرىد كۇلۇبى ئۆزىلگە مائاش قوشۇپ بېرىشكە ۋە داۋاملىق توختاملىشىشقا ماقۇل بولغان، ئۆزىل خان مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن مۇھىم، شۇڭا خان مادرىد ئۆزىل بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى ئارزۇ قىلغان. توپ مەستانىلىرى ئۆزىلنىڭ بۇندىن كېيىن ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە