- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نېپاللىق بىر قىز جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئىككى قېتىم چىقىپ رېكورت ياراتتى
2013.03.06 14:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 27-فېۋرال مەخسۇس تېلېگراممىسى : نېپاللىق بىر تاغقا چىققۇچى قىز 25-فېۋرال ، تۇنجى بولۇپ بىر پەسىلدە ئىككى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان ئايال دەپ ئېتراپ قىلىنىپ ، جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن .
Sertraline Sherpa بۇ يىل 29 ياشتا بولۇپ ، بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بازىسىدا بىر ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن ، يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ چوققىغا چىقىپ. رېكورت ياراتقان.
Sertraline Sherpa مۇنداق دېگەن : بۇ شەرەپكە ئېرىشكىنىمدىن بەك خۇش بولدۇم ھەم ئۆز ئۆزەمدىن پەخىرلەندىم . جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن بەك قىيىن . بىراق مەن يەنىلا بۇ قىيىنچلىقنى يېڭىپ ، بۇ شەرەپكە ئېرىشتىم.
جىننېس دۇنيا رېكورتىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئاپپاراتى 25-فېۋرال پاختەنت كاتماندۇدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، Sertraline Sherpa غا گۇۋاھنامىنى تارقىتىپ بەرگەن .
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، شۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى تاغقا چىقىشقا بەك ماس كېلىدىغان بولۇپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە