- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى نا ئاۋستىرالىيە چويلا توپ مۇسابىقىسى ئاياللار يەككە تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى
2013.01.25 15:11 مەنبە: خەلق تورى
 |
لى نا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: لى نا گەرچە مۇسابىقە خاتىرىسىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئالقىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسىرانە مۇسابىقە ئىستىلىغا تايىنىپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بارلىق گۇمانلارنى تۈگەتتى. 24-يانۋار ئېلىپ بېرىلغان ئاۋسترالىيە چويلا توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى ئاياللار يەككە تۈرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى لى نا 6 : 2 نەتىجە بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئاۋسترالىيە چويلا توپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپيون قىزىق نۇقتىسى، رۇسىيە ماھىرى شاراپوۋانى يېڭىپ، غەلىبىلىك ھالدا ئاياللار يەككە تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى. بۇ لى نانىڭ كەسپىي ھاياتىدا 3-قېتىم مۇسابىقە ئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (جى فاڭ خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە