بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاي دۈمبىسىدە چىقىرىلدى

چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچ ئەۋرىشكە ئېلىپ ئوڭۇشلۇق ئۇچتى

2024.06.07 23:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 7دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ ئۆرلىگۈچىسى ئاي شارىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىدىن ئۇچتى، 3000N ماتور ئىشقا كىرىشىپ تەخمىنەن ئالتە مىنۇتتىن كېيىن، ئۆرلىگۈچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزدى.

  چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچ 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئاي شارىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ-ئەيتكېن ئويمانلىقىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەۋرىشكە ئېلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى ھەمدە بەلگىلەنگەن شەكىل بويىچە ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىدىكى قىممەتلىك ئەۋرىشكىنى ئۆرلىگۈچ ئېلىپ يۈرگەن ساقلاش قۇرۇلمىسىغا قاچىلاپ پېچەتلىدى. ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە پېچەتلەش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار يەر يۈزى تەجرىبىخانىسىدا چۆچياۋ-2 نومۇرلۇق ئارىلىق سۈنئىي ھەمراھى قايتۇرغان تەكشۈرگۈچنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئەۋرىشكە ئېلىش رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك مودېلىنى تەقلىد قىلىپ ھەمدە تەقلىدىي ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىشتىكى تەدبىر بەلگىلەش ۋە ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ مەشغۇلاتىنى مۇھىم قوللاش بىلەن تەمىنلىدى.

  سىرتقى يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ قونغۇچىسى ئېلىپ يۈرگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىرىلدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئاي شارىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى مۇستەقىل ھەرىكەتچان نامايان قىلىشى. بۇ دۆلەت بايرىقى يېڭى تىپتىكى بىرىكمە ماتېرىيال ۋە ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئەتتىن ياسالغان. ئايغا قونۇش ئورنى ئوخشىمىغاچقا، چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ دۆلەت بايرىقىنى نامانيان قىلىش سىستېمىسى چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسىدا ماسلىشىشچانلىقىنى ياخشىلىدى.

  ئەمدى، ئۆرلىگۈچ ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىدا كۈتۈپ تۇرغان ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتقۇچ بىرىكمىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى قايتىپ كېلىش ئۈسكۈنىسىگە يۆتكەيدۇ. ئوربىتا ئۈسكۈنىسى ۋە قايتقۇچنىڭ بىرىكمىسى ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇپ، مۇۋاپىق قايتىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ ئاي شارى ئوربىتىسىدىن يەر شارى ئوربىتىسىغا يۆتكىلىدۇ، يەر شارى ئەتراپىدىكى قايتقۇچ ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل سىزىۋاڭ خوشۇنىنىڭ قونۇش مەيدانىغا قونۇش پىلانلاندى.

  5-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭئې-6 ناملىق تەكشۈرگۈچ بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپ ئاي شارى سەپىرىنى باشلىدى، ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلاش، قونغۇچ بىلەن ئۆرلىگۈچ بىرىكمىسى ۋە ئوربىتا ئۈسكۈنىسى بىلەن قايتقۇچ بىرىكمىسى ئايرىلغاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىدىكى جەنۇبى قۇتۇپ-ئەيتكېن ئويمانلىقىدىكى ئالدىن تاللانغان قونۇش رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ