جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ - چىقىدىغانلار مىليوندىن ئاشتى

2024.04.23 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  قورغاس چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ساياھەتچىلەرگە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ باغچىغا كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بەرمەكتە ( 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

  4-ئاي كىرىشى بىلەن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. قورغاس چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىن ھەر كۈنى كىرىپ - چىقىدىغانلار 12 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) دىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 19 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن دىن ئاشقان. 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىگىچە، 2024 ـ يىلى باغچە رايونىغا كىرگەن ـ چىققان 1 مىليون 340 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تەكشۈرۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ