ھەممىسى ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى

2024.04.22 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  21-چېسلا، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھۆددىگە ئالغان ئىككى ئايروپىلاننىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى تيەنخې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى قىمار ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 135 جىنايەت گۇماندارىنى گۇڭئەن ئورگانلىرىمىز كامبودژادىن يالاپ ئېلىپ كەلدى. ھازىرغىچە، كامبودژا ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرگەن 680 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق قىمارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسىنى گۇڭئەن ئورگانلىرىمىز يالاپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۇڭئەن ئورگانلىرىمىز بېرما، فىلىپپىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن قىمارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان نەچچە ئون مىڭ جىنايەت گۇماندارىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ جۇڭگو-كامبودژا ساقچىلىرى يېقىندا قىمارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالدى ھەمدە 12-ئاپرېلدىن باشلاپ خۇبېي گۇڭئەن ئورگىنى نۇرغۇن ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىدار خادىملارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىزگە چېتىشلىق جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى. ھازىر گۇڭئەن مىنىستىرلىقى خۇبېيدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرا ھالقىغان قىمار ئويناش ۋە تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. گۇڭئەن ئورگانلىرى بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ. ج خ ئورگانلىرى كەڭ ئاممىنى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا سىرتىغا چىقىش ياكى توردا قىمار ئويناشقا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ قىمار ئويناش ۋە تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى ئالاھىدىلىكىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشقا ئەسكەرتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ