386 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان دەپ ئەيىبلەندى. فەن يىفېينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2024.04.19 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا جۇڭگو خەلق بانكىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى فەن يىفېينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

  خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىگەن: 1993-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار فەن يىفېي سابىق جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسى ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى پىلان-مالىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، باش دىرېكتور ياردەمچىسى، مەبلەغ پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى مەبلەغ-پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مالىيە-بوغالتىرلىق بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى، پىلان-مالىيە بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى، بانكا باشلىقى ياردەمچىسى، پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە شاڭخەي بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەرز پۇل، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپنى ھۆددىگە ئېلىش، خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق 386 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. تەپتىش ئورگانلىرى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن فەن يىفېينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

  سوتتا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار فەن يىفېي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈش ئېلىپ باردى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، فەن يىفېي ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما بولۇپ جەمئىي 40 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ