ئېلىمىز ئارخېئولوگىيەسىدە چۇ بەگلىكىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قەبرىسى قېزىلدى

2024.04.17 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەينەن شەھىرىدە «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» تۈرىنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھىرى ۋۇۋاڭدۈن قەبرىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى ئېلان قىلدى.

  ۋۇۋاڭدۈن قەبرىستانلىقىدا ھازىر ئاساسىي قەبرە (1-نومۇرلۇق قەبرە)، قەبرىستانلىق، ئات-ھارۋا ئازگىلى، ھەمدەپنە قەبرە، نەزىر-چىراغ ئازگىلى قاتارلىق مۇھىم يادىكارلىقلار ساقلانغان. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئاساسلىق قەبرە (1-نومۇرلۇق قەبرە)نى نۇقتىلىق قېزىپ، ئۇنى چوڭ تىپتىكى «جيا خېتى(甲)شەكىللىك تىك كولانغان توپا قەبرە» دەپ بېكىتتى. قەبرە كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 مېتىر، قەبرىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 42 مېتىر كېلىدىغان يانتۇ قەبرە يولى بار. ھازىر سىرلانغان ياغاچ جابدۇقلار، برونزا قوراللار قاتارلىق نومۇر قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1000 دىن ئاشىدۇ. ۋۇۋاڭدۈن قەبرىستانلىقى ئىلمىي قېزىش ئارقىلىق ھازىرغىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان چۇ بەگلىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قەبرىستانلىقى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ