«خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» ئەتىيازلىق لاگېرى شىنجاڭدا باشلاندى

2024.04.17 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار لاگېرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسىدە 2024-يىلى «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئەتىيازلىق لاگېرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەتىيازلىق لاگېرغا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق 8 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن كەلگەن 500 گە يېقىن ياش ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان. ياش ئوقۇغۇچىلار جۇڭگودا 15 كۈنلۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ