دۆلەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدا چۈشىنىشىڭىز قانچىلىك؟ بۇ بەش كىتاب «چوڭ بىخەتەرلىك» ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ

2024.04.16 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  9-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ تۈزگەن «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئون يىللىقى—تاراتقۇلاردا كۆرسىتىش ۋە تارقىتىشقا ئومۇمىي نەزەر» ۋە «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئوقۇشلۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش» ھەمدە 4ـ تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى—«دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك بىلىملىرىدىن 100 سوئال»، «دۆلەتنىڭ قۇتۇپ بىخەتەرلىكى بىلىملىرىدىن يۈز سوئال»، «دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دېڭىز بىخەتەرلىكى بىلىملىرىدىن 100سوئال» قاتارلىق ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلدى.

  بۇ بەش كىتابتا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى مۇجەسسەملىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى روھى توغرا ئىگىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق ۋە ئوقۇشچانلىققا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، سۈرەت، رەسىملىك كۆرسەتمە ۋە سىنلىق ئىككىلىك كود سەپلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە پۇقرالارنىڭ «چوڭ بىخەتەرلىك» ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ