جۇڭگو بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسى بېيجىڭدىن دۈنخۇاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئاچتى

2024.04.03 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  4- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېيجىڭدىن دۈنخۇاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانى گەنسۇ دۈنخۇاڭ موگاۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن دۈنخۇاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 3- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن باشلاپ دۈنخۇاڭ موگاۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 2024- يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، جەمئىي 22 يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىپ، 18 شەھەرگە ئايروپىلان قاتناپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ