بېرمىنىڭ شىمالىدىكى352 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

2024.04.02 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو ساقچىلىرى بىلەن بېرما ساقچىلىرى خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى بويىچە تۇنجى قېتىم بېرمىنىڭ شىمالىدىكى مۇجې رايونىدا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلغان 807 جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە بېرما تەۋەلىكىدىكى جىنايەت گۇماندارى 455، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى جىنايەت گۇماندارى 352. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى 31-مارت جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بېرما تەۋەلىكىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى بېرما تەرەپ زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى دۆلىتىمىزگە چېتىشلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىگە قارىتا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېرمىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بولغان خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە بىر قاتار زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇردى، 48 مىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى دۆلىتىمىزگە چېتىشلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئەمما بېرمىنىڭ شىمالىدىكى مۇجې رايونىدا يەنىلا بىر قىسىم ئالدامچىلىق گۇرۇھلىرى تەلەي سىناش ئويىدا بولۇپ، قارشىلىشىپ دېلو سادىر قىلدى، ھەتتا قوراللىق ئالدامچىلىق قىلدى، خاراكتېرى قەبىھ، زىيىنى ئېغىربولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ