ئىككى يىغىننى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش| باھاردىكى كاتتا مەرىكە

2024.03.07 23:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھار كېلىپ، بارچە شەيئىلەر يېڭىلاندى، جۇڭگو زېمىنىدا شىمالدىن جەنۇبقىچە قار-مۇزلار ئېرىپ، تېرەك، سۆگەتلەر كۆكەردى.

  9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىن باھار تۈسىگە كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 4-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000 غا يېقىن ۋەكىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100 دىن ئارتۇق ئەزاسى مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن خەلق سارىيىغا كىرىپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.

  «ۋەكىللەر يولى»، «ئەزالار يولى»، «مىنىستىرلار يولى» ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن تېمىلىرىغا بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇردى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ نەزەرى بۇ يەرگە مەركەزلەشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئۈستى يۇلتۇزلاردەك چاقنىدى، قىزىل بايراقلار كۆزنى قاماشتۇردى.

  دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر مېلودىيەسى تۈمەن كىشىلىك چوڭ زالدا ياڭرىدى.

  بۇ ئۈمىدكە تولغان باھار بولدى.

  باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، يەلكەننى كۆتۈرۈپ، باھارنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئارزۇغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ