مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بېيجىڭغا كەلدى

2024.03.04 23:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ۋەزىپە ئادا قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر، ئەزالار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى.

  ئۇدا ئىككى نۆۋەت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان گۇەن فاڭفاڭ ھازىرغىچە 20 نەچچە پارچە تەكلىپ-تەۋسىيە تاپشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، ناھايىتى ياخشى جاۋابقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى. گۇەن فاڭفاڭ: «مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈشىنى، خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليۇ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم. بۇلتۇر نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى، ئوخشاش بولمىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ئىگىلىدىم. «نەق مەيداندا زىيارەت قىلغاندا، ئەھۋالنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تەكلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپكە ئايلاندۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا ئاۋاز قوشقىلى بولىدۇ.»

  كاتتا مەرىكىگە ئاتلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولدى. كۆپچىلىك مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ