مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ يۇڭچېڭ: مېيىپ دوستلارغا دېموكراتىيەنىڭ ھارارىتىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

2024.02.28 23:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئەما ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ يۇڭچېڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى مەزگىلىدە ئەمالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان كۆپ تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەمالار يېزىقى نۇسخىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تۇتقىلى بولىدىغان، «كۆرگىلى بولىدىغان» سالمىقى بار جاۋاب بولۇپ، ئەما دوستلارغا دېموكراتىيەنىڭ شانلىق نۇرىنى «كۆرسەتتى».

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، ۋاڭ يۇڭچېڭمۇ توختىماي ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مېيىپ دوستلار ئۈچۈن داۋاملىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ